د ئۇ ق خىتاي ساقچىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 30-دېكابىر يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى، تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا بايانات بېرىپ، خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇپ، 8 ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت 30-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا،«بىز خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا،ياۋروپادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قورال كۈچى بىلەن قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

باياناتچى دىلشات رىشىت تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، «خىتاي دائىرىلىرى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى يولغا قويغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېغىر دەرىجىدىكى كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىۋاسىتە ئوققا تۇتۇپ باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنماقتا» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت