ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرگە 200 سومدىن مۇكاپات بېرىلمەكچى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2015-2016-يىللىق قىش پەسلىدە ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «8 مىليون سوم تولۇقلىما مۇكاپات سوممىسى ئاجراتقانلىقى» نى، «پويىز ۋە ئايروپىلاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئادەم بېشىغا 200 سوم خەلق پۇلى مۇكاپاتى بېرىلىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2013-يىلدىن باشلاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مۇكاپات بېرىشنى يولغا قويغان. ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بۇلتۇرقى ۋە ئالدىنقى يىللىرىدىكى ئۇقتۇرۇشلىرىدا ساياھەت ئۆمەكلىرى بىلەن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئادەم بېشىغا 200 سومدىن 500 سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

ھالبۇكى، 2013-يىلى چىقىرىلغان مۇكاپات ئۇقتۇرۇشى دەل ئۈرۈمچىدە 22-ماي ئەتىگەنلىك بازاردىكى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. ئىككى يىلدىن بۇيان يەنە، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ ساياھەتچىلىكتىن كېلىدىغان كىرىم تۆۋەنلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپەيگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت