خىتاي شىمالى كورېيەگە نېفىت مەھسۇلاتى تەمىنلەشنى قىسقارتىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىمالى كورېيە رەھبىرى كىم جۇنيۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ۋە ب د ت نىڭ شىمالى كورېيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى ئەيىبلەپ سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەنە تىنچ ئوكياندا ۋودورود بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىق تەھدىتىنى جاكارلىشى نەتىجىسىدە شىمالى كورېيە كرىزىسى تېخىمۇ جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالى كورېيەگە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ «ئا ب س خەۋەرلىرى» تور سەھىپىسىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 1-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن شىمالى كورېيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىت مىقدارىنى كېمەيتىپ، ھەر يىلى ئىككى مىليون توننىغا قىسقارتىدىغانلىقى، ئەمما، شىمالى كورېيەگە سۇيۇقلىتىلغان تەبىئىي گاز قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىشنى دەرھال توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئالدىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالى كورېيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقا يادرو پروگراممىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا ئېمبارگو قويغان ئىدى.

خىتاي يەنە شىمالى كورېيەنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھازىرغىچە شىمالى كورېيەدىن كۆمۈر ۋە تۆمۈر كان مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشنى توختاتقان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى، شىمالى كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭخو ب د ت ئومۇمى يىغىندا سۆز قىلغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ھاقارەت قىلىدىغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئېيتقان بولۇپ، پرېزىدېنت ترامپ بۇنىڭغا قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇپ،تۋىتتېر سەھىپىسىدە: «ئۇلار، كىچىك راكېتاچىنىڭ ئويلىرىنى داۋاملىق تەكرارلايدىكەن، ئۇلار ئۇزۇن تۇرالمايدۇ» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت