ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خىتاي تېلېفون شىركىتىنىڭ سودا ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا فېدېرال ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئامېرىكا فېدېرال ئالاقە كومىتېتىدىن خىتاي تېلېفون شىركىتىنىڭ سودا قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشنى، ئۇنىڭ ئامېرىكادا مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا دائىر ئاخىرقى قارارنى ئامېرىكا فېدېرال ئالاقە كومىتېتى چىقارسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆپ ھاللاردا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ پىكرىگە ئەمەل قىلىدىكەن. ئەگەر خىتاي تېلېفون شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىكى ئابۇنتلارغا مۇلازىمەت قىلىشى چەكلەنسە، ئۇنىڭ ئامېرىكا تورى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى كاشىلىغا ئۇچرايدىكەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 9-ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي تېلېفون شىركىتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئۇنىڭ 2007-يىلدىن بۇيانقى ئىپادىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، خىتاينىڭ ئالاقىدار كېلىشىم ماددىلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي تېلېفون شىركىتى خىتاينىڭ 3 چوڭ تېلېفون ۋە تور مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ھەممە جايىدا تېلېفون ۋە تور مۇلازىمىتى قىلىدۇ. لېكىن ئامېرىكا فېدىرال ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ شىركەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق تەلىپىگە ياق دېمەيدىكەن.

ئۇلار يەنە خىتاي تېلېفون شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى بايقىشى، توسۇشى ياكى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەلەپ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى بىل بار خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت، دەپ ئېلان قىلغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىل بار بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكانىڭ «فوكۇس تېلېۋىزىيە قانىلىغا ئېيتقان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن گېئو-سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي جەھەتلەردە شۇنداقلا ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە ئىنتايىن زور تەھدىت،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت