خىتايدىكى «كەڭ نەزەر» شىركىتى ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

باش شتابى بېيجىڭدىكى «كەڭ نەزەر پەن-تېخنىكا شىركىتى» (Megvii) 2011-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ كەلمەكتە. يېقىندا ئۇنىڭ دۇنيادىكى بۇ خىل تېخنىكا بىلەن تەمىن ئەتكۈچى ئەڭ چوڭ ئۈچىنچى تەرەپ شىركىتى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ ساھەدىكى تېخنىكىسى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا قوللىنىلىدىغان بولۇپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ قوللىنىلىۋاتقان چىراي تونۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەل مۇشۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ 29-ماي سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى زىيارەت خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى يىن چى ئۆزلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ رەڭدار مەزمۇنغا ۋە گۈزەللىككە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش جەريانىدا مەزكۇر شىركەتنىڭ چىراي تونۇش تېخنىكىسىنىڭ كۆپلەپ قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا ئۇ «بىزنىڭ تېخنىكىنى ئەيىبلەشكە ھەققىمىز يوق. شۈبھىسىزكى بۇنىڭدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان كىشىلەر بولىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بىرەر مىللەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«كەڭ نەزەر پەن-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىرى خىتايدىكى ئەقلىي تېلېفونلارنى ئىگىسى بولمىغان ئەھۋالدا ئېچىش، پويىز ئىستانسىسى ۋە ئايرودروملاردا كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى پەرقلەندۈرۈش، ئاممىۋى سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ چىراي تەسۋىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەتلەرگە چېتىلىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇلار تەمىن ئەتكەن چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى خىتاي ساقچى سىستېمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇاۋېي شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ خىتاي تەرەپنى ۋىديولوق نازارەت مېخانىزمىغا كېرەكلىك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلەش ھەققىدە قارار ئېلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «كەڭ نەزەر پەن-تېخنىكا شىركىتى» مۇ بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت