ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق كارخانىلارنى جازالىشى ياپونىيە كارخانىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ياپونىيە ئاسىيا ئوبزۇرى» تورىنىڭ 12-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىشى كۆپلەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ھەمدە ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە چېتىشلىق كارخانىلارغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش قەدىمى تېزلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيەمۇ بۇنىڭ ياپونىيە كارخانىلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىشقا باشلىغان. چۈنكى ياپونىيە كارخانىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش مەسىلىسىگە چېتىشلىق زاۋۇتلىرىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان 82 داڭلىق ماركا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، 80 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىكى 30 زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغانىدى. 82 داڭلىق ماركا شىركەتلىرى ئىچىدە 11 ياپونىيە شىركىتى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان خىتاي زاۋۇتلىرىغا تايىنىدىكەن. بۇلاردىن يۇنىكلو (Uniqlo)، شارپ (Sharp)، نىنتېندو (Nintendo) قاتارلىق شىركەتلەر ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلغان زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى توغرىلىق سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىشلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي سودا سىياسىتىگە ھەمدە ياپونىيە شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا تىجارەت قىلسا بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىگە چېتىلىدىكەن. نۆۋەتتە ياپونىيەدىمۇ ياپونىيە نۇسخىسىدىكى «ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى تۈزۈش كۈنتەرتىپكە كىرگەن بولۇپ، ياپونىيە پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى گۇرۇپپىسىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنتقا بۇ قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشنى مۇزاكىرە قىلىۋېتىپتۇ. ھالبۇكى، ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن سىستېمىسى كىشىلىك ھوقۇققا چېتىلىدىغان ئىقتىسادىي جازا قانۇنلىرىنى تۈزۈشكە قىيىنلىق تۇغدۇرىدىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئادەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار چىقارغان ئەھۋالدا ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئۈچۈن باشقا دۆلەتتىكى پۇلدارلارنىڭ ياپونىيەدىكى مېلىنى توڭلىتىپ قويالايدىكەن ياكى ھوقۇقدارلىرىنى ياپونىيەگە كىرگۈزمەيدىكەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت