ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبلىك كانادادا نۇتۇق سۆزلىشى بىكار قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادادىكى برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىككى خىتاي شىركىتى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق سەۋەبلىك يىغىندا نۇتۇق سۆزلىشى بىكار قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر سودا كۇلۇبى خىتاينىڭ «سەزگۈر چاغ» ناملىق تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن سىنا بلوگىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆزلىرىنىڭ «خىتاي مۇنبىرى» ناملىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان. «سەزگۈر چاغ» تېخنىكا شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملەشكەنلىكى سەۋەبلىك يېقىندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

بۇ ئىككى شىركەتنىڭ، بولۇپمۇ «سەزگۈر چاغ» نىڭ مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. كانادا ۋانكوۋېر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى سەلىننا نۇرەلى كانادانىڭ «CBC خەۋەرلىرى» گە خەت يېزىپ، «برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەنىدى.

كانادا «يەر شارى پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «خىتاي مۇنبىرى» ئۆزىنىڭ تورىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، «سەزگۈر چاغ» شىركىتىنىڭ ۋەكىلى جىمىي جوۋ بىلەن سىنا بلوگنىڭ ۋەكىلى لىنا چېننىڭ يىغىندا نۇتۇق سۆزلىشى بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا، «ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش ئۈچۈن سەزگۈر چاغ ۋە سىنا بلوگىدىن نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2019‏-يىللىق خىتاي مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشمايدىغان بولدى» دېيىلگەن.

«سەزگۈر چاغ» نىڭ بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، كانادادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. كانادا بروك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناس پروفېسسورى چارلىس بۇرتون برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جىمىي جوۋنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىشى «شەرمەندىلىك» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. سەلىننا نۇرەلى يەكشەنبە كۈنى «يەر شارى پوچتىسى گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا ئۇ ئىككەيلەننىڭ نۇتىقىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، : «بۇ مېنى خۇشال قىلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى كۆردۇق. پاكىت، پەقەت بىز دەس تۇرساق پەرق يارىتالايدىكەنمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت