خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ما خەييۈن، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە داۋاملىق يول قويسا، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە باشقا رايونلاردا خىتايغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ما خەييۈن بۇ قاراشنى لىۋاندىن چىقىدىغان «چولپان» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى رايون خاراكتېرلىك پارتىزانلىق ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ پەرقنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەنزۇلارغا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى ھەق-ھوقۇقلارنى تەتبىقلاپ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مىللىي سىياسەت ئارقىلىق باشقۇرۇشى پەيدا قىلغان.

ماقالىدا يەنە، ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ئورنىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىغا زىت يەرلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىگەنلىكىنى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ بۇ قانۇن-بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا يەنە، خىتايدا قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ مۈجمەللىكى، شىنجاڭدىكى مىلىتارىستلىق ئەنئەنىسى ۋە دۆلەت سەۋىيەسىدىكى ئىجرائىيە ئورگانلىرىنىڭ كەم بولۇشى سەۋەبلىك ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئانتىتېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە مۇستەقىل ھوقۇق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت