دەيۋىد گولدمان: «مەلۇم ئورنى بار ھەرقانداق بىر خىتايدىن سورىسىڭىز ئۇيغۇرلارنى يوقىتىمىز، دەيدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكالىق ئىقتىسادشۇناس ۋە ئوبزورچى دەيۋىد گولدمان ئامېرىكالىق ژۇرنالىست بىل گېرتىزنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان كىتابىغا تەقرىز يېزىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن زور بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقى، ئەگەر خۇئاۋېينىڭ 5G پىلانى ئەمەلگە ئاشسا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئېلېكترونىك ئىستىخبارات جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەپ، دۇنيادىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغرىلاش ئىقتىدارىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دەيۋىد گولدماننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ كۇئانتۇم ئالاقە تېخنىكىسىغا ئېرىشىشى ھالقىلىق بىر بۆسۈش بولۇپ، كۇئانتۇم ئالاقە تېخنىكىسى ئامېرىكا ئېلېكترونىك ئىستىخباراتىنىڭ خىتاينى نازارەت قىلىشىنى مۇمكىنسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. «مەدەنىيەت قانداق ئۆلىدۇ؟» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى دەيۋىد گولدمان: «بىزنىڭ خىتايغا قارشى ئەپسۇنغا ئېھتىياجىمىز بار» سەرلەۋھىلىك تەقرىزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئىنتايىن رەھىمسىز بىر كۈچ ئىكەنلىكى، ھېچكىم ھازىرقى مەۋجۇت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ خىتاي تارىخىدىكى ۋەقەلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ھازىرقى مۇئامىلىسىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ رەھىمسىزلىكىنى «مىڭ خانىدانلىقىنىڭ بىر مىليون كىشىنى سەددىچىن سېپىلىغا كۆمۈۋېتىشى ياكى چىن خانىدانلىقىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى خانلىقلارنىڭ يازما ۋەسىقىلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۈزلىگەن ئالىمنى تىرىك كۆمۈۋېتىپ، ئۆتمۈشنىڭ خاتىرىلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا چۈشىنەلمىگۈدەك ئىش ئەمەس. ئورنى بار ھەرقانداق بىر خىتايدىن ئۇنىڭ يىراق غەربىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىسىڭىز، بىردەك ‹ھەممىسىنى يوقىتىمىز› دەپ جاۋاب بېرىدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خىتاي ئۆزىنىڭ چېگراسىدىكى «غەۋغاچى ياۋايىلار» نى يوقىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ھونلار ياۋروپاغا، تۈركلەر كىچىك ئاسىياغا كۆچمەن بولغانىكەن. دەيۋىد گولدمان بۇ پىكىرنى بىل گېرتىزنىڭ «كۆكتىكى ھىيلىگەرلىك: كوممۇنىست خىتاينىڭ يەر شارى ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىشىنىڭ ئىچكى يۈزى» ناملىق كىتابىغا يازغان تەقرىزىدە ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت