دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى «بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ ئىستىھكامى» قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئاچقان بىر يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى «بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ ئىستىھكامى» قىلىدىغانلىقى جاكارلانغان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان «شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ يىغىلىشى» نامىدىكى يىغىندا، ئالىي مەكتەپلەردە «ئۈچ خىل كۈچلەرگە يەنى تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي رادىكال كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش، ئالىي مەكتەپلەرنى ئۈچ خىل كۈچلەردىن ئوقۇغۇچىلارنى تالىشىشتىكى ئىستىھكامغا ئايلاندۇرۇش» شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى 26-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى پارتكوم سېكرېتارىنىڭ يىغىندا ئىپادە بىلدۈرۈپ،«قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئەگەر سىياسىي جەھەتتىن تەلەپكە يەتمىگەن بولسا ئوقۇش پۈتتۈرەلمەيدۇ»دېگەنلىكى نەقىل ئېلىنغان.

25-نويابىر دۈشەنبە كۈنى خىتاي باياناتچىسى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە 16-نويابىر مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەلىرىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ «تېررور ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت