خىتاي سوتى يەنە 3 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-09-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي سوت دائىرىلىرى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلى سوت دائىرىلىرى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرىنى «زوراۋانلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش، تېررور تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا، بىرىنى «لۈكچۈندىكى ۋەقەگە قاتناشقان» دېگەن جىنايەت بىلەن 25 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان.

لۈكچۈن ۋەقەسى ئۇيغۇر ئېلىدە 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق زور ۋەقە بولۇپ، ۋەقەدە ئەڭ ئاز دېگەندە 46 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ 35 نەپىرى ھۆكۈمەت خادىملىرى، قالغان 11 نەپىرى بولسا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ۋەقە 26-ئىيۇن سەھەر سائەت 5 تىن 50 ئۆتكەندە پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ۋەقەدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار لۈكچۈندىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرگەن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن ئېچىلغان سوتتا سوتچىلار بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوقۇغان ئەيىبنامىسىدە «ئۇلارنىڭ قىلمىشى قەبىھ، پەيدا قىلغان تەسىرى يامان بولغانلىقتىن قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاندى» دەپ يېزىلغان. ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت