خىتاي ئالىي سوتچىسىنىڭ «شىنجاڭ» ھەققىدىكى سۆزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ چياڭنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇم، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا چېتىشلىق دېلولارنى «قاتتىق ۋە تېز» بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، جاۋ چياڭ بۇ چاقىرىقنى بېيجىڭدا ئېچىلغان قانۇن ساھەسىنىڭ «شىنجاڭ» غا ياردەم بېرىش يىغىندا قىلغان. ئۇ «بىز سوتقا رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ سوت مەھكىمىلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللىي ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان تېررورلۇق دېلولىرىنى قاتتىق ۋە تېز بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت «جاۋنىڭ سۆزى ئۇيغۇر ئېلىدە سوت ۋە تەپتىشنىڭ قانۇنىي تەرتىپنى قايرىپ قويۇپ، ناھەق سوتلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق رايوندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئۇنىڭ دىن، تىل، مەدەنىيەت كونتروللۇقى پەيدا قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت