خىتاي سىياسىي كېڭەش رەئىسى بۇ يىل ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى ئاچقان تەيۋەن خىزمىتى يىغىنىدا 2017-يىلىدا تەيۋەن ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرى ھەم تەيۋەن ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2017-يىللىق تەيۋەن خىزمەت يىغىنى 20-يانۋار كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغان يۈ جېڭشېڭ «ھەر قانداق شەكىلدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش»نى تەكىتلىگەن.

يۈ جېڭشېڭ سۆزىدە يەنە 2017-يىلىدا مەركىزى كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تەيۋەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى، تەيۋەندىكى ئىككى قىرغاق بىر جۇڭگوغا مەنسۇپ دەپ قارايدىغان سىياسىي پارتىيە، جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە تەيۋەنلىكلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشى ۋە باشقىلاردا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،بېيجىڭدا تەيۋەن خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان كۈنى ئامېرىكادا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بولغۇسى تەيۋەن سىياسىتى خىتاينى ئەندىشىلەندۈرمەكتە. دونالد ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشى ۋە خىتاينىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتى ھەققىدە ئوز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بېيجىڭنى بىئارام قىلغان ئىدى.

تولۇق بەت