يۈ جېڭشېڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن» دا تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن» دا سۆز قىلىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ جۈمە كۈنى باشلانغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى» نىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى «بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى» گە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاي سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەيۋەندىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ھەمدە ياشلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان.

يۈ جېڭشېڭنىڭ بۇ سۆزى چەتئەللەردىكى تەيۋەنلىكلەر تەشكىلاتى جاڭ كەيشى ئارمىيەسىنىڭ 1947-يىلى تەيۋەندە ئېلىپ بارغان «28-فېۋرال قانلىق قىرغىنچىلىقى» نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا سەي يىڭۋېن تەيۋەننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن. تەيۋەننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى سابىق پرېزىدېنت ما يىڭجيۇنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش مۇقامىغا خاتىمە بېرىپ، تەيۋەندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلىك خەلقنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا باشلىغان.

تولۇق بەت