CIA باشلىقى مايك پومپيو «خىتاي ئەڭ زور تەھدىت» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى CIA باشلىقى مايك پومپيو ئامېرىكىدىكى «ۋاشىنگتون ئەركىن كۆرسەتكۈچ» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، رۇسىيە، ئىران ۋە خىتاي ھەممىسىنى ئامېرىكا ئۈچۈن كەلگۈسىدە بىر تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇ، خىتاينى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، «خىتاي ھەم زورىيىۋاتقان ئىقتىسادى كۈچى ھەم ھەربىي كۈچى جەھەتتىن ئالغاندا ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىتتۇر» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەنچە، خىتاي ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە ئامېرىكىغا رىقابەتچى بولالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. خىتاي ئارمىيىسى مەخسۇس ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى قۇدرىتىگە قارشى تۇرۇشنى كۆزلىگەن ئاساستا ئۆز كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى، شەرقىي دېڭىزدىكى ۋە ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»

ئۇ يەنە سۆزىدە، خىتاينىڭ چەتئەل پەن-تېخنىكىسىغا ئېرىشىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ «ئەگەر دىققەت قىلساڭلار، ئۇلار يا بىزنىڭ تېخنىكىلىرىمىزنى ئوغرىلايدۇ، ياكى ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر نەرسە ياساپ چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ھەر ئىككىسىنى قىلىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا ئولتۇرغان دەسلەپكى كۈنلەردە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر مەھەل باھار شامىلى چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەلەپ قىلغان تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكتىن، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى پوزىتسىيىسىدە قانچىلىك سەمىمىيلىكى سوئال پەيدا قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى باھار پەسلىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىغا ئائىت سىگناللار كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ، يېقىنقى ئامېرىكا-خىتاي ئارمىيىسى ئۇچقۇچىلىرى ئارىسىدا چىققان سۈركىلىش ھەم شۇنداقلا نەتىجىسىز ئاياغلاشقان ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد سۆھبەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت