خىتاي ئامېرىكىنى تېررورلۇققا «ئىككى خىل ئۆلچەم» قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى خىتاي ماقۇللاش ئالدىدا تۇرغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى، نامايىش - يىغىلىش قىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قامال قىلىشى مۇمكىن، دېگەن ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي چارشەنبە كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاساسسىز، دېگەن شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسى ئۇنىڭ تېررورلۇققا ‹ئىككى خىل ئۆلچەم› قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە قوراللىق كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەھدىتى زورىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بىراق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى شۇنداقلا خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى قامال قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت