خىتاي تېررورلۇققا قارشى 3-قېتىملىق زەربىدارلار ئەترىتى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا يېڭىدىن تېررورلۇققا قارشى زەربىدارلار ئەترىتى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەترەت ھەربىي ھەرىكىتىنى ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەشقلەندۈرۈلگەن.

21-ئاۋغۇست «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىگە بېسىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، «تاغ بۈركۈتى زەربىدارلار ئەترىتى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئەترەت مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ قىرغىزىستاننىڭ ھەربىي خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مەشىقنى باشلاپ بولغان ئىكەن.

بۇ زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تۇنجى بولۇپ خىتاي بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» دە ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئەترەت خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىكەن. مەزكۇر قىسىمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇشلۇق باشلىقى «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە، «‹تاغ بۈركۈتى زەربىدارلار ئەترىتى› نىڭ بەرپا بولۇشى شىنجاڭنىڭ، ھەتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈندۇر،» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ خىل قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزەلدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرۈنمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى مەخسۇس زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئۈچىنچىسى ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، «گۇاڭجۇ يىلپىزى» دەپ ئاتالغان ئەترەت بولۇپ، ئۇ 2002-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. يەنە بىرى، «بېيجىڭ قارچۇغاسى» دېگەن نامدا قۇرۇلغان ئەترەت بولۇپ، 1982-يىلدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت