بېلگىيەنىڭ «لې-سويىر» گېزىتى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئورۇن بەرمەسلىككە چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپادىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدىراتسىيەسى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە بېلگىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «لې-سويىر» ناملىق گېزىتنىڭ دىرېكتورىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر گېزىتنى خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى قىستۇرۇپ نەشر قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان بېلگىيەنىڭ بۇ گېزىتى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئاساسىدا ئۆزىنىڭ گېزىتىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەشۋىقات تۈسىنى ئالغان بىر قانچە ۋاراق خەۋىرىنى قوشۇپ تارقىتىشقا باشلىغان ئىكەن.

بۇ قوشۇمچە ۋاراقلاردا پۈتۈنلەي شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئىنتايىن دانالىقى، ئۇنىڭ بۇ سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە خىتايدا باياشات ۋە ئىناق بىر جەمئىيەت بەرپا بولغانلىقىدەك مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىكەن. گەرچە بۇ قوشۇمچە ۋاراقلار خىتاي تەرەپ پۇل بېرىش ئارقىلىق ئېلان قىلدۇرغان سەھىپىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دەماللىققا ئوقۇرمەنلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى ۋە بۇنى «لە-سويىر» گېزىتىنىڭ مەيدانىدەك قاراپ قالىدىغان ئاقىۋەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

شۇڭا يۇقىرىقى بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىن پۇل ئېلىش بەدىلىگە خىتاي تەشۋىقاتى قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىكلىكىنى، بۇنىڭ ئاقىۋەتتە بۇ ئاخباراتلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قېلىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى يولغا قويۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى كرىزىس پەيدا قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇنىڭ بۇنى خەلقئاراغا باشقىچە تەشۋىق قىلىپ، لاگېردىكى ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇشىغا سورۇن ھازىرلانماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

يېقىندىن بۇيان خىتاي دۆلەت ئاخباراتىغا ئائىت بولغان بۇنداق تەشۋىقات قوشۇمچە ۋاراقلىرىنىڭ ھەتتا «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» قاتارلىق خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلىرىدىمۇ ئورۇن ئالغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت