ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس پارتىيىنىڭ «غەمخورلۇقى» نى تەشۋىق قىلىدىغان تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقات ھەرىكىتى» باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، جاي-جايلاردا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيىلەشكە كىرىشكەن.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەشۋىقاتچىلار مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «غەمخورلۇقى» نى، ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا كەلگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنى ئەسەبىي ئىدىيىدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىدىكەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە ئاساسەن پەقەت ئاۋات ناھىيەسىدە ئېچىلغان «ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرى» نى تەربىيىلەش كۇرسىدىلا ئاۋات ناھىيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىدارە -ئورگانلار، مەكتەپلەر، ھەرقايسى يېزا-مەيدانلار، ھەر قايسى مەھەللە، كەنتلەردىن كەلگەن 750 نەپەر كۇرسانت تەربىيىلەنگەن ۋە ئۇلارغا ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىغا «نېمىنى سۆزلەش»، «قانداق سۆزلەش» ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى بۈگۈنگىچە «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» كە باغلاپ كەلدى. بىراق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ مۇقىمسىزلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنىلا ئۇيغۇر ئېلىدە «ناخشا-ئۇسسۇللۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى» ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى سەپەرۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت