«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ تەھرىرات ماقالىسى: «شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تۇپرىقى ۋە شارائىتى ئەڭ زور دەرىجىدە يوقىتىلدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«شىنجاڭ گېزىتى» 27-ئاپرېل چوڭ ھەجىملىك تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى يېقىنقى بىر قانچە يىللىق سىياسىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

مەزكۇر ماقالە خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قىلغان زىيارىتىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. شى جىنپىڭنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى رادىكال بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.

يېقىندا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش قارارىنىڭ شۇ زىيارەتتىن كېيىن ئېلىنغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرغا «مەرھەمەت قىلماسلىق» ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ تەھرىرات ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر يېقىنقى 6 يىلدىن بېرى رايوندا تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تۇپرىقى ۋە شرائىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يوقاتقان ئىكەن.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ جەرياندىكى «تۇغقانچىلىق» سىياسىتى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە خىتاي كادىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، مائارىپ، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى رادىكال تەدبىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ۋاقىت ۋە تەشەببۇسكارلىققا ئېرىشكەنلىكى» تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى. بۇ سىياسەتلەر خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ، بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىۋاتقان چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت