خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە تولۇق ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارغا دۇنيادا تېخى «كۆرۈلۈپ باقمىغان» دەرىجىدە ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپاراتلىرى ئارقىلىق ھەدەپ يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاك كېيوڭ مەخسۇس «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈش خىزمىتى دوكلات بېرىش يىغىنى» چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىنىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىگە، ئۇلارنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا كاپالەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

ئۇ يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ھۆرمەت قىلىندى. . . ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىگە، يېمەك-ئىچمەكلىرىگە، توي-تۆكۈن ئادەتلىرىگە، ھېيت-بايراملىرىغا، قائىدە-يوسۇن ۋە دەپنە ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى› نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىيىتنى دەپنە ئادىتى بويىچە ئۇلارغا دەپنە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس يەر ئاجرىتىپ بېرىلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قۇربان ھېيىت ۋە روزى ھېيتلىرى شىنجاڭدا قانۇنلۇق بايرام قىلىپ بېكىتىلدى.» 

ۋاڭ كېيوڭ يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ، قانۇنغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ مىللىي تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى، دىنى ئەركىنلىكنى قوغدىغانلىقى، زور ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى، 1950-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاران 3000 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولغان بولسا، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ساننىڭ 420 مىڭ 800 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان. 

ھالبۇكى، مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ۋەزىيەت شاھىتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلىرى بولسا يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىزچىل ھالدا يولغا قويۇپ كەلگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى 2017-يىلىغا كەلگەندە مىسلىسىز كۈچەيتىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش بىلەن بىرگە پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق «ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى» نى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ يىل ئۆكتەبىردە قىلغان بىر نۇتۇقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «جورجى ئورۋېلنىڭ ‹1984› ناملىق كىتابىدىكى قۇرلار شىنجاڭدا رېياللىققا ئايلاندى،» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت