كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا شىركەتلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 16-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا شىركەتلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش چاقىرغان. باياناتتا تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشى، تېخنىكىلىق نازارەت ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ب د ت نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى يېتەكچى پرىنسىپىنى ئىجرا قىلىشنى ئىمكانسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. شىركەت ۋە مۇپەتتىشلەرنىڭ مال تەمىنات زەنجىرىگە ئالاقىدار ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى قالمىغان.

مەزكۇر بايانات ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مۇنبىرى يىغىنى باشلانغان كۈنى ئېلان قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ 16-نويابىر باشلىنىپ 18-نويابىر ئاخىرلىشىدىغان مەزكۇر يىغىنىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، شىركەتلەر، بانكىلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىلمىي تەتقىقاتچىلار قاتنىشىپ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا ساھەسىدىكى يېتەكچى پرىنسىپلىرىنى قانداق ئىجرا قىلىشنى، شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قانداق تۈزىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

باياناتتا يەنە «ھۆكۈمەتلەرنىڭ كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىگە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا يېتەكچى پرىنسىپلىرىغا ماس كېلىدىغان قائىدە-تۈزۈملەرنى بېكىتىشى، ئىمپورت چەكلىمىلىرىنى يولغا قويۇشى ۋە قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئېلىشى» تەلەپ قىلىنغان. باياناتتا تەكىتكلىشىچە، «ب د ت خىتاي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى نازارەت قىلىش، دوكلات قىلىش، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشتىكى رولىنى كۈچەيتىشى كېرەك» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت