خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قارشى بايانات ئېلان قىلدۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىندا ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قارشى ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرماقتا. 16‏-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 3 نەپەر سابىق ئۇيغۇر ئەمەلدارى ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلارنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قېلىپلاشقان ئوخشاش سىياسىي سۆز-ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلىشى دىققەت قوزغىدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» 3‏-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىنىپ، تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردا زور ئۈمىد پەيدا قىلغان. قانۇن لايىھەسىدە چېن چۈەڭو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلىنغانىدى.

16‏-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىدىن نىياز، سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى قېيۇم باۋۇدۇن قاتارلىقلار «شىنجاڭ» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىگەن. ھامىدىن نىياز ماقالىسىدە، «شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مىللىي ياكى دىنىي مەسىلە ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر قانۇنغا قارشى تۇرىدىغانلىقى، كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى قېيۇم باۋۇدۇن، خىتاينىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارنى ئاقلاپ، قانۇن لايىھەسىنىڭ «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، قانۇن لايىھەسىدە «خىتاينىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقى بۇرمىلانغان ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلانغان» ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن زاكىر «قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ ‹ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق›نى دەستەك قىلىپ، خىتاينى پارچىلاش، ئۇنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى» دەپ ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ رايوندىكى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىتى ئەڭ زور چەكتە دىنىي ئەسەبىيلىكنى يۇقتۇرۇۋالغانلارنى تەربىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالغان» ئىكەن. لېكىن، ئۇلار ماقالىسىدە، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، لېكىن لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ تەقدىرى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت