ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ناملىق ژۇرنال ۋە تور بەتنى رەسمىي تەسىس قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 22-دېكابىردىن ئېتىبارەن «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ناملىق ژۇرنالنى رەسمىي تارقىتىشقا باشلىغان شۇنداقلا بۇ نامدىكى تور بەتنىمۇ رەسمىي يولغا قويغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر ژۇرنال ۋە تور بەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى، ئىسلام دىنىي ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ئورتاقلىشىپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرى، مىللەتلەر-دىن سىياسىتى، قانۇن-بەلگىلىمىلىرى تەشۋىق قىلىنىدىكەن.

‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى ھەقسىز تارقىتىلىدىغان قوش ئايلىق ئىچكى ژۇرنال بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىدىكەن. ئاساسلىق شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى ئەربابلىرىغا، مەسچىتلەرگە، مۇسۇلمان ئامما ۋە شۇنداقلا مىللەت، دىنغا ئالاقىدار تارماقلارغا تارقىتىلىدىكەن

خەۋەردىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ناملىق بۇ ژۇرنال ۋە تور بەتنى «ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ قوغداش، ئىسلام دىنى بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئۆز ‏-ئارا ماسلاشتۇرۇشقا يېتەكلەشتە باسقان مۇھىم قەدەم، دەپ تەرىپلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «دىنىي رادىكاللىق، دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدىكى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. بىراق، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىننىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتلىرىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت