خىتاي تاراتقۇلىرى «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» فىلىمىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇنىڭدىن بىرقانچە ئايلار ئىلگىرى خىتاي تاراتقۇلىرى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن، يەنى 26-دېكابىر كۈنى خەلق تورى بايانات ئېلان قىلىپ، 50 مىليون سوم مەبلەغ سېلىنغان بۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر فىلىم جۇڭگو كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتە زور تەسىر قوزغايدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر فىلىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن « شىنجاڭ داسېن مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى» نىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، بېيجىڭدىكى داڭلىق خىتاي رېژىسسورى يەن چىڭشيۇ رېژىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن.

مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئانارخان»، «ئۆرۈك چېچەكلىگەندە»، «مېنىڭ بايرىقىم»، «شۇنداق بىر گۈل بار» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىلەن كىنو فىلىملار ئىشلىنىپ، خىتاي كىنو بازىرىغا سېلىنغان. مەزكۇر فىلىملارنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش ۋە مونتاژ تېخنىكىسىدا ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەزمۇنىدا يەنىلا روشەن سىياسىي تەشۋىقاتچىلىق مەزمۇنلىرى ئورۇن ئالغان ئىكەن.

«ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق بۇ چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمدا سەنئەت ساھەسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۈلمىرە مۇھەممەت بىلەن خىتاي ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىسى ئۈمىد ئوبۇل باش رول ئالغان ئىكەن. فىلىمدا ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «زامانىۋىي ھايات» ۋە ياشلاردىكى «ئىلغار ئىدىيە» تەشۋىق قىلىنغان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەۋاتقان كىنو-فىلىملەرنىڭ كۆپىنچىسىدە سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ ئاساسىي مەقسەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت