«دۆلەت تىلى» دېگەن نامغا ئورالغان خىتايچە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر دېھقانلىرىغىمۇ مەجبۇرلانماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي تىلىنى «دۆلەت تىلى» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن يۆگەپ، كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

1-مارت كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» تارقاتقان «يېزا ئاھالىسىنىڭ ھويلىسىدىكى دۆلەت تىلى دەرسخانىسى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلەرنى خىتايچە ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرماقتىكەن.

يۇقىرىقى بۇ خەۋەردە خىتاي تىلى دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي «دۆلەت تىلى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئىشلىتىلىشىمۇ دىققەت قوزغىغان مۇھىم بىر نۇقتا بولماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، «دۆلەت تىلى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «خەلق تورى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى ‹دۆلەت تىلى› دېگەن ماركىغا ئوراپ تۇرۇپ كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ،» دېدى.

دەرۋەقە، ھە دېسە «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش ۋە «ئون مىڭ كىشىلىك قەسەم بېرىش» يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان خوتەن ۋالىيسى ئېزىز مۇسا بۇ يىل يانۋاردا خوتەن ۋىلايىتى بويىچە «دۆلەت تىلىنى سۆزلەش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى» قوزغىغان.

ئۇ، ئەينى چاغدا «دۆلەت تىلى قۇرۇلۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنى» ئېچىپ، «دۆلەت تىلى» دەپ ئاتىلىۋاتقان «خىتاي تىلىنى بىلىش مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشنىڭ كاپالىتى،» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەربىر ئاز سانلىق مىللەت كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىسىنىڭ چوقۇم «خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى» دا لاياقەتلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا يېزا كادىرلىرى ۋە دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭمۇ «دۆلەت تىل-يېزىق سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى» غا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنئى جاكارلىغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى تۈپتىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت