«مىللىي تىللاردا ئىمتىھان بېرىدىغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار» نى رىغبەتلەندۈرۈش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورى، بىڭتۇەن خەۋەرلەر تورى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «مىللىي تىللاردا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار» نى رىغبەتلەندۈرۈش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تەكلىپنى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن سايلانغان خىتاي ۋەكىلى خۋا شىفېي ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ۋەكىل خۋا شىفېي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئاساسىي مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ‹ قوش تىللىق مائارىپ› نى داۋاملىق كۈچەيتىشنى، ھەتتا بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ‹مىللىي تىلدا ئىمتىھان بېرىدىغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار› نى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.»

خەۋەردە يەنە سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى خۋا شىفېينىڭ «‹خەنكاۋمىن› يەنى ‹مىللىي تىللاردا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار› نى رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى پۇختا بىلىدىغان خەنزۇ ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرگىلى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي سىياسەتچىلىرىنىڭ «مىنكاۋخەن»، يەنى «خىتاي تىلىدا ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى» دېگەن ئۇقۇم بىلەن بىللە، نۆۋەتتە يەنە «خەنكاۋمىن»، يەنى «مىللىي تىللاردا ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت