خىتاينىڭ خېنەندىكى ئىككى تۈرمىگە 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چەتئەللەردىكى بەزى تاراتقۇلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىگە 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇننى مەخپىي يۆتكەپ ئاپارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋەقەگە ئالاقىدار بىر قانچە ئۇچۇر مەنبەسى تۇتقۇنلارنىڭ خېنەندىكى ئىككى تۈرمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ باشقا مەھبۇسلاردىن ئايرىم ۋە يالغۇز سولىنىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پات-پات تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق تور بېكىتىنىڭ 21‏-ئىيۇل ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇرلار يۆتكەپ كېلىنگەن تۈرمىلەرنىڭ بىرىدىكى بىر ئۇچۇر مەنبەسى «ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىنىڭ ئەڭ خەۋپلىك رايونىغا سولىنىپ، قول-پۇتلىرىنىڭ 24 سائەت كىشەنلەپ قويۇلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئۇچۇر مەنبەسى يەنە گۇندىپايلارنىڭ ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھەرقانداق تۇتقۇننى ئېتىپ تاشلاش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئۇيغۇرلار سوتلانماي، ھۆكۈمگە بۇيرۇلماي، مەھكۇم قىلىنماي پۈتۈن ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار تۈرمىدە ئۆلۈمگە تەرك ئېتىلدى،» دېگەن.

يەنە بىر ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلار يۆتكەپ كېلىنىشتىن بۇرۇن بۇ تۈرمىلەرنىڭ قائىدە-تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭدىكى ئەسلىھەلەر ئۆزگەرتىلىپ، تۈرمە خادىملىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلگەن، ئۇلارغا ئالاھىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن خەۋەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خېنەندىكى قايسى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

«زىمىستان» تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ تۈرمىلەردە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقىنى قاتتىق مەخپىي تۇتماقتا ئىكەن. رادىيومىز ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان بىر قىسىم پويىز قاتنىشىنى توختىتىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، خېيلوڭجاڭ، شەنشى، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا مەخپىي يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ھەتتا بەزى تۈرمە دائىرىلىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنىمۇ دەلىللىگەن ئىدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىشى بىلەن رايوندىكى لاگېر ۋە تۈرمىلەر توشۇپ كەتكەن. خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دۇنيانىڭ تەنقىدى ۋە ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت