خىتاي باش مىنىستىرى تەرەققىيات ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچ، دېدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ يەنە تەرەققىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلىۋاتقان ئىككى يىغىن جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

لى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن «ئىستراتېگىيىلىك مۇقىملىققا ئىگە» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «چوڭ جەھەتتىن مۇقىم» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان لى مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.»

خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلىدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يېغىنى» نى ئېچىپ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق رايوندىكى نارازىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.

ھالبۇكى، شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە توقۇنۇشلار مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپەيگەن، خاراكتېر ۋە ئۇسۇل جەھەتتىن ئۆزگىرىش ياسىغان ئىدى.

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىگە 17 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

شىنخۇ ئاخباراتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىگە سالماقچى بۇلغان مەبلەغ خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش، ئۆي قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى ۋە ناراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.

رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردىكى مەسئۇلىيىتىنى تونۇشنىڭ ئورنىغا، تونۇشلارنى رايوندا «شەرقىي تۈركىستان» مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىسلامچى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا دۆڭگەپ كەلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل، دىن ۋە مائارىپ سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن يەرلىكلەرنىڭ سىرتتا قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت