خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تەقىبلەش سىياسەتلىرىنىڭ يەنە كۈچىيىدىغانلىقىدىن شەپە بەردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي مەركىزىي سىياسىيسى قانۇن كومىتېتى رەئىسى ئۇيغۇر ئېلىدە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش تەقىبلەش سىياسەتلىرىنىڭ يەنە كۈچىيىدىغانلىقىدىن شەپە بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، مېڭ جيەنجۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، «تېررورلۇققا قارىشى كۈرەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق، ئاخبارات توپلاش ۋە خىتايدىكى جاسۇسلۇق ئورگانلىرى - ئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشلار مۇئەييەن غەلىبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «دۆلەتلىك ۋە شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارىشى ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرىنىڭ بىر - بىرىگە تېخىمۇ جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.»

رويتېرسنىڭ مۇتەخەسسىس ۋە دىپلوماتلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىسلامنى چۈشەنمەسلىكى جاسۇسلۇق ۋە ئىستىخبارات توپلاش ئىشلىرىدا زور توسالغۇ پەيدا قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق قول سىياسەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇنى ئېتىراپ قىلماي كەلگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارىشى تۈزۈم، ھەرىكەتلەرنىڭ رادىكال ئىسلامچىلار ۋە بۆلگۈنچىلەرگە قارىتىلغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

مېڭ يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى«چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارىشى تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش» توغرىسىدا يول يورۇق بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت