خىتاي ئۆزبېكىستاندىن گاز ئىمپورت قىلمىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي 2015 - يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۆزبېكىستاندىن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلمايۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى بىلدۈرۈلمىگەن.

پەرغانە تورى «نېفتترانس.رۇ» تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ئاساسىدا خەۋەر تارقاتقان. ئەسلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئاشۇرۇلغان بولۇپ،رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ 2015 - يىلى ئۆزبېكىستاندىن 10 مىليارد كۇب مېتىرغىچە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. 2013 - يىلى خىتاي ئۆزبېكىستاندىن 6 مىليارد كۇب مېتىر گاز ئىمپورت قىلغان. نېمە سەۋەبتىن خىتاينىڭ 2015 - يىلى ئۆزبېكىستاندىن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلمىغانلىقى قىزىقىش قوزغىماقتا. پەرەز قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستاننىڭ تەبىئىي گاز ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، تۈركمەنىستان خىتاينىڭ ئاساسلىق تەبىئىي شېرىكىگە ئايلانغان. تۈركمەنىستاننىڭ 2015 - يىلى خىتايغا چىقىرىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى 47 % ئاشقان. 2014 - يىلى تۈركمەنىستان خىتايغا 26 مىليارد كۇب مېتىر گاز بەرگەن. 2020 - يىلىغا كەلگەندە ھەر يىلى 65 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بېرىشنى پىلانلىغان.

نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيەنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ۋە كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تېخى يەقىندا قازاقىستان باش مىنىستىرى مەسىموف بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئېنېرگىيە، رەڭلىك مېتال سودىسىنى كۈچەيتىشكە پۈتۈشكەن ئىدى ھەم بۇ نۆۋەت قازاقسىتان بىلەن خىتاي ئارىسىدا 30 نەچچە كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت