خىتاي ئۆزبېكىستانغا 2 مىليارد 700 مىليون دوللار قەرز ھېسابىدا ياردەم بېرىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆزبېكىستانغا ئىككى مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كرېدىت، يەنى قەرز سوممىسى ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستان پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە بۇ ئۇچۇرنى جاكارلىغان.

رۇس تىلىدىكى «ترەند»ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت كەرىموف «بىز خىتاي تەرەپنىڭ 2.7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرېدىت بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويدۇق» دېگەن. پرېزىدېنت كەرىموفنىڭ پارلامېنتا سۆزلىگەن سۆز تېكىستى بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىپ، مەزكۇر ئۇچۇر ئايدىڭ بولغان.

ياۋروئاسىيا خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 21 - 22 كۈنلىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تاشكەنت زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەر شۇنىڭدەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئائىت ھوججەتلەر ئىمزالانغان ئىدى.

ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا 220 دىن ئارتۇق قانۇنىي كېلىشىملەر ۋە ھۆججەتلەر ئىمزالانغان بولۇپ، خىتاي ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلىنىپ،ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت سودىسى تۆت مىليارد دوللارغا، بۇ يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى تەرەپ سودىسى بىر مىليارد تۆت يۈز مىليون دوللارغا يەتكەن.

نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاندا 650 خىتاي مەبلىغى سېلىنغان شىركەت ئىش ئېلىپ بارماقتا. تاشكەنت شەھىرىدە 75 خىتاي شىركىتىنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورگىنى تەسىس قىلىنغان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، 2013 - يىلى شىن جىنپىڭ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، 15 مىليارد دوللار قىممىتىدە 31 كېلىشىم ئىمزالانغان بولسا، 2014 - يىلى، ئاۋغۇستتا ئىسلام كەرىموف بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، يەنە 6 مىليارد دوللار قىممىتىدە كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت