خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس داۋاسىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى قارشى چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىن باشلانغان تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن زور بىر ۋاباغا ئايلانغان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى ئامېرىكاغا ئارتىپ قويۇشى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۈگۈن رەسمىي ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھوشيار بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 24-مارتتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جوسېپ بوررېل خىتاينىڭ «سىياسىي مەردلىكى» گە قارىتا ھوشيار بولۇشنى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە تېببىي «ياردەم» بېرىشى بىلەن خىتاينى «مەسئۇلىيەتچان ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھ» دەپ ئىشىنىپ قالماسلىق لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «بىز پاكىتنى قورال قىلىشىمىز، ‹سىياسىي مەردلىك› ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم،» دېگەن. ئۇ بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنىڭدەك ئەلى بابا، خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئىتالىيە، ۋېنگىرىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە نەچچە مىليون ماسكا ۋە باشقا تېببىي بۇيۇملارنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شەنگەن رايونىدىكى ياۋروپالىقلارنى ئامېرىكاغا كېلىشتىن چەكلەش بۇيرۇقىدىن نارازى بولغان ياۋروپالىقلارنىڭ خىتايدىن كەلگەن بۇ «ياردەم» دىن بەكلا مەمنۇن بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى بۇ خىل پوزىتسىيەدە بولۇشىدا ئىككى خىل سەۋەب بار ئىكەن. بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپادا ۋابا كېڭىيىۋاتقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشكەن ھەمدە ئۇلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئىككىنچىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان سېربىيەگە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىرۇسقا قارشى تېببىي ياردەم بېرىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى سېربىيەگە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنمۇ ئاشۇرۇپ تېببىي ياردەم بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن سېربىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى «قەدىناس دوستىمىز» دەپ ئاتىغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان تور دۇنياسىدا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكاغا ئارتىپ قويۇش تەشۋىقاتى ئەۋج ئالغانلىقتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ «دىپلوماتىك ئويۇنلىرى» دىن ھوشيار بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يەتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت