شى جىنپىڭ پرېزىدېنت ترامپقا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ «ۋىرۇسغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 27-مارت كۈنى پرېزىدېنت ترۇمپقا تېلېفون قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ «ۋىرۇسقا قارشى ئىتتىپاقلىشىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن شۇنداقلا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان. پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ چاقىرىققا كونكرېت نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇ شۇ كۈنى يوللىغان تىۋىتىدا شى بىلەن «ناھايىتى ياخشى سۆزلەشكەنلىكى»، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقۇم مەسىلىسىدىكى «زور تەپسىلاتلار» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ تېلېفون سۆھبىتى خىتاينىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش پەيدا قىلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ ۋۇخەن ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ۋىرۇسنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. پرېزىدېنت ترامپ ۋىرۇسنىڭ «خىتاي ۋىرۇسى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھەمكارلىقنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق «بىردىن-بىر توغرا تاللاش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن شى جىنپىڭنىڭ پرېزىدېنت ترامپقا تېلېفون قىلىپ، ھەمكارلىقنى تەكىتلىشىگە قانداق ئامىللارنىڭ تۈرتكە بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇنىڭ بىر كۈن ئالدىدا پرېزىدېنت ترامپ «تەيۋەننىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش قانۇنى» غا ئىمزا قويغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت