ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى «خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى ساختا»، دېگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى يېقىندا تەييارلىغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش دەرىجىسىنى يوشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بلۇمبېرگ خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات دائىرىلىرى يېقىندا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئامېرىكا ئاق سارايغا بىر پارچە مەخسۇس دوكلات تاپشۇرغان. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە قازا قىلغانلارغا ئائىت ھەقىقىي ساننى ئاشكارىلىمىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاق سارايدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئەمەلدار يۇقىرىدىكى بۇ دوكلات مەخپىي بولغانلىقتىن ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە ئۆلۈم ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى قەستەن يوشۇرۇپ قالغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى قەستەن قامال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ساختا، دېگەن.

خىتاي ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئۇنىڭ ۋىرۇسنى كونترول قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلىرىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى خەلقئارادا كۈچلۈك گۇمان قوزغاۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى.

سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوتمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئەيىبلەپ ئۇنىڭ «خىتاي تەمىنلىگەن ساختا سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىشىدا رول ئوينىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت