تاجسىمان يۇقۇمنى يوشۇرۇشىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى يوشۇرۇشىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئېفىيوپىيەلىك رەھبىرى گەبرەيسۇسنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىش سادالىرى كۈچەيمەكتە.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت 1-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقۇمنى يوشۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئورگاننىڭ يۇقۇمنى يوشۇرۇشتا ئوينىغان رولىنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېرىۋاتقان زور بەدەل پۇلىنى داۋاملىق بېرىش-بەرمەسلىكنى قاراپ چىقىشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارتا مىكسالىي، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى گەبرەيسۇسنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ 2-ئاپرېل ئامېرىكادىكى «سىياسەت» تور گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، گەبرەيسۇس خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى يوشۇرۇشىغا ياردەم قىلغان.

«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە ياپونىيەنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان. ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى تارو ئاسۇ 2-ئاپرېل ياپونىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، «بۇ ئورۇن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەمەس، خىتاي سەھىيە تەشكىلاتى، دەپ ئاتىلىشى كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە،

«ئىلگىرى ئۇ خىتايدا ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يوق، دەپ چىڭ تۇرمىغان بولسا، كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىتا بالدۇرراق تەدبىر ئالاتتىكەن». نۆۋەتتە خىتاي ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا بايقالغان ۋىرۇسنى يوشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ھازىرقىدەك دۇنياغا يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت