ۋۇكەندىكى تەسىر قوزغىغان نامايىشنىڭ يېتەكچىسى «پارىخورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇكەن يېزىسىدا 2011-يىلى يۈز بەرگەن ۋە خەلقئارالىق تەسىر قوزغىغان زور كۆلەملىك نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان لىن زۇليەن «پارىخورلۇق» قىلىش جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

شۇ قېتىملىق نامايىشتا ۋۇكەن خەلقى نامايىش قىلىپ، پارىخور يېزا باشلىقىنى قوغلاپ چىقارغان ۋە تۇنجى قېتىم سايلام ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامايىش يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان لىن زۇليەننى باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. بىراق، دائىرىلەر ئۇنى بۇ يىل 6-ئايدا تۇتۇپ كېتىپ، قاماپ قويغان. كېيىن خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئۇنىڭ پارىخورلۇق گۇناھىنى بوينىغا ئالغانلىقى ھەققىدە سىن كۆرۈنۈشى تارقاتقان. ئۇ تېلېۋىزىيەدە «مەن دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تولۇق بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش پىلانلىرى ۋە كوللېكتىپنىڭ ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ پارىخورلۇق قىلدىم» دېگەن.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم ۋۇكەنلىكلەر نامايىش قىلىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىنتېرنېتتا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ۋۇكەن ئاھالىسى رويتېرس مۇخبىرىغا دائىرىلەر لىن زۇليەننىڭ ئادۋوكات ياللىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىدى ۋە بىز بۇنىڭ داۋاسىنى قىلىمىز» دېگەن.

72 ياشلىق لىن زۇلىننىڭ سوتى بۈگۈن گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەن شەھىرىدىكى سوتتا جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېچىلغان، ساقچىلار بىر كىلومېتىر ئارىلىققىچە چارلاش ئېلىپ بارغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت