خوڭكوڭ پۇقرالار پارتىيەسى خىتايدىن ۋۇكەن تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى دېموكراتىيە مودېلى دەپ تونۇلغان ۋۇكەن يېزىسىدا 6-ئايدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئالدىنقى كۈنى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، نامايىشنىڭ بىر قىسىم يېتەكچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

بۈگۈن خوڭكوڭ پۇقرالار پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىغا توپلىنىپ، گۇاڭدۇڭ ساقچىلىرىنىڭ ۋۇكەندىكى نامايىشچىلارغا قوللانغان زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ 14-سىتەبىر بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ پۇقرالار پارتىيىسى ۋە خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى گۇ جياچى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا پۇقرالار پارتىيىسىنىڭ ۋۇكەن ئاھالىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخبارات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭ پۇقرالار پارتىيەسى 2006-يىلى قۇرۇلغان ۋە دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان خوڭكوڭدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە. ئۇ، خوڭكوڭ پارلامېنتىدا ئىگىلىگەن ئەزا سانى جەھەتتىن 4-پارتىيە ھېسابلىنىدۇ.

تولۇق بەت