خىتاينىڭ چەتئەللەرنىڭ تېلېفون ئالاقە سىستېمىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلار بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تېلېفون-ئۇچۇر ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ساياھەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خاككېرلىق ھۇجۇملىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان مۇھىم مەنبەلەردىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىنىشلىق بولغان بىر قانچە گۇرۇپپا خاككېرلار تۈركىيە، قازاقىستان، ھىندىستان، تايلاند ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېلېفون ئالاقە سىستېمىلىرىغا بۆسۈپ كىرگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ھۇجۇملار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار ۋە چەتئەل ھەربىي ئەمەلدارلىرى قاتارلىق «يۇقىرى دەرىجىلىك شەخس» لەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ئىنتېرنېت جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەن. 

خىتاي خاككېرلارنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى قايسى تېلېفون سىستېمىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئاشكارىلانمىغان. 

تايلاند ۋە ھىندىستان رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى رەت قىلغان. بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رويتېرسقا قايتۇرغان ئىنكاسىدا يۇقىرىدىكى خاككېرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە تور بىخەتەرلىكى شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئامىت سەرپىر رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە، خىتاي خاككېرلارنىڭ تېلېفون سىستېمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق مەلۇم كىشىنىڭ تېلېفون-ئۇچۇر ئالاقىلىرىنى، ئۇ كىشىنىڭ ئورنىنى كۆرۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، شۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ كۈن بويى قايسى تېلېفون ئالاقە مۇنارىغا باغلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلەلەيدىكەن. 

تېخى ئىككى كۈن ئالدىدا خىتاي خاككېرلارنىڭ ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئالما ۋە ئاندروىد تېلېفونلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ كەڭ كۆلەملىك جاسۇسلۇق ھەرىكىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

تولۇق بەت