خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ سايلىمى ھەققىدە ئاتالمىش تاشقى كۈچلەرنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ تۈزۈملىرى ھەققىدىكى قارارىنى بېكىتىش ئالدىدا، ئۆز ئاخباراتى ئارقىلىق ئاتالمىش تاشقى كۈچلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان خوڭكوڭ خەلقى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز رەھبىرىنى ئۆزى سايلايدىغانلىقىنى، بېيجىڭ دائىرىلىرى تەيىنلىگەن رەھبەرلەرنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭ خەلقنىڭ تەلىپىگە ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشتا بېيجىڭپەرەس ۋەكىللەرنى تەيىنلەش سالمىقىنى تارايتىشىنى ئويلاشقان.

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى ياقىلىغۇچىلار ئەگەر بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلمىسا، يەنە شەھەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىدە جىم ئولتۇرۇۋېلىش شەكىلدە نامايىش قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى سايلام تۈزۈملىرى ھەققىدە قارار چىقىرىدىكەن.

بەزى پەرەزلەرگە قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى يەنىلا بېيجىڭپەرەس رەھبەرلەرنى قوللايدىغان بىر تەيىنلەش كومىتېتى تەشكىللەپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر بۇنداق بولغاندا، بۇ يەنىلا خوڭكوڭ خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» شەنبە كۈنى يۇقىرىقى مەسىلىگە قارىتا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتقان ئاتالمىش تاشىقى كۈچلەر «خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى كولاپلا قالماستىن، خوڭكوڭنى كۆۋرۈك قىلىش ئارقىلىق خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سىڭىپ كىرىپ ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش قەستىدە بولۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ۋە مەلۇم بىر خىتاي دىپلوماتنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، بۇنىڭغا «قەتئىي يول قويۇلمايدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي 1997- خوڭكوڭنى بۈيۈك برىتانىيەنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇپ خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ھالبۇكى، خوڭكوڭ خەلقى ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە ۋەزىيىتىدە ئېغىر چېكىنىش بولغانلىقىنى شىكايەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت