ئامېرىكا، بىر خىتاي شىركىتى ۋە ئۇنىڭ 4 خادىمىنى شىمالىي كورېيە يادرو پىلانىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن جازالاش قارارى ئالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىغا ياردەملەشكەن بىر خىتاي شىركىتى ۋە ئۇنىڭ 4 خادىمىنى جازالاش قارارى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دەندوڭ-خوڭشياڭ سانائەت تەرەققىيات شىركىتى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىغا يوشۇرۇنچە ياردەم بەرگەن.

مەزكۇر شىركەت ۋە ئۇنىڭ ما شياۋخوڭ قاتارلىق 4 مەسئۇلى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي كورېيەگە چېگرىداش دەندوڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر شىركەت شىمالى كورېيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا بانكىلىرى ئارىسىدا پۇل ئاغدۇرۇش ۋە پۇل يۇيۇش ئارقىلىق، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى تەسىرسىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە ئامېرىكا ئادالەت مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر شىركەتنىڭ ئامېرىكا بانكىلىرىدىكى 25 ھېساب نومۇرىنى توڭلىتىش ھەققىدە دېلو تۇرغۇزغان، مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ ھېسابلىرىدا يۈز مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلى مەۋجۇت ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت