خىتاينىڭ چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىدىكى كەلكۈندە 49 مىليون ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-07-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا بۇ يىل ھۆل-يېغىننىڭ زىيادە كۆپ يېغىشى سەۋەبلىك، چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىدىكى خۇبېي، ئەنخۇي، خۇنەن، جىياڭشى، فۇجيەن قاتارلىق ئون ئۆلكىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 49 مىليون ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى.

خىتاينىڭ چاڭجياڭ ئاپەت رايونى باش شتابىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، يۇقىرىقى ئۆلكىلەردىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10 كۈنىگە قەدەر 222 كىشىنىڭ كەلكۈندە ئۆلگەن ياكى غايىب بولغانلىقىنى، چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبارلىرىدىن تۆتىنىڭ، كىچىك سۇ ئامبارلىرىدىن 403 نىڭ كەلكۈندە زەخىملەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى 12-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىدىكى فۇ جىئەن ئۆلكىسىدىكى ئاپەت رايونى مىنچىڭ ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن ناھىيىدە 16 يېزا قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان. خىتاي تاراتقۇلىرى ئاپەتتە 10 ئادەم ئۆلگەن 11 ئادەم غايىب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پۇقرالار مەزكۇر ناھىيىدىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ «رىۋايەتلەردە تەسۋىرلىنىدىغان زامان ئاخىرى مەنزىرىسىنى ئەسلىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇلار بايانىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان كەلكۈندە ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راستلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇلار خەۋەرلەردە ناھىيىدە 10 ئادەم ئۆلدى دېدى، ئەمما دەريادىن سۈزۈۋېلىنغان ۋە بازارلىق ھۆكۈمەتكە ئېلىپ كېلىنگەن جەسەتلەرلا 100 دىن ئاشىدۇ، ھۆكۈمەت جەسەتلەرنى ئۇدۇللۇق كۆيدۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت