خىتايدا كوممۇنىستلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشى چەكلىنىدىغانلىقى يەنە تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا كوممۇنىستلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشى چەكلىنىدىغانلىقى يەنە تەكىتلەندى.

خىتاي خەلق تورى 27-دېكابىر «كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىكى سىياسىي ئىنتىزام» تېمىسىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمى يىغىنىدا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرقانداق دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدە بولۇشى قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ماقالىدە، 18-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمى يىغىندا ئېلان قىلىنغان بەلگىلىمىلەردىن«كوممۇنىستلار خۇراپاتلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق، دىنىي ئېتىقادقا ئىشەنمەسلىك، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەردە بولماسلىق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك كۈچلىرىگە ھەمكارلاشماسلىق، زوراۋان گۇرۇھلارغا قاتناشماسلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدە بولماسلىق» قاتارلىق 6 بەلگىلىمە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگە خىلاپلىق قىلغان كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى ياكى قانۇنىي جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،«دائىرىلەرنىڭ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىكىنى قايتا تەكىتلىشى يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە خىتايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان ئىدىيىۋى داۋالغۇش، بولۇپمۇ بىر تۈركۈم كومپارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ۋە غەرب دېموكرات ئىدىيىسىگە مايىللىقتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت