خىتاينىڭ خەيكۇ شەھىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-02-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

29- فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ خەيكۇ شەھىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 10 ئوقۇغۇچى يارىلانغان.

خوڭكوڭدا ئىقتىساد گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ۋەقە خەيكۇ شەھىرى لۇڭخۇا رايونىدىكى ياڭفەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چىققان مەزگىلدە يۈز بەرگەن.

شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 يېرىم ئەتراپىدا بىر ئەر كىشى چۈشلۈك دەم ئېلىشنى ساقلاپ، ئۇزۇن سەپ بولۇپ تىزىلىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا پىچاق بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، 6 ئوغۇل ئوقۇغۇچى، 4 قىز ئوقۇغۇچى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان. خوڭكوڭدا ئىقتىساد گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار مەكتەپنى قامال قىلىپ، قېچىپ كەتكەن گۇماندارنى تۇتىدىغانلىقىنى ۋە گۇماندارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا يەنە، ساقچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپنىڭ يېنىدىكى كوچىدىن بىر ئەرنىڭ ئۆلۈكىنى تېپىۋالغانلىقى، ئىلى سىجۈن ئىسىملىك 45 ياشلىق بۇ ئەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغان گۇماندار ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى تېخى بېكىتىلمىگەنلىكى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىندى.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى سادىر قىلغان ۋەقەلەردىكى ھۇجۇم گۇماندارلىرىنى كۆپىنچە ھاللاردا «ئەقلىدىن ئازغان كىشىلەر» دەپ بېكىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت ساقچىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى «تېررورلۇق ۋەقەلىرى» دەپ بېكىتىشى دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە، ۋەقەدىكى گۇماندارنىڭ مىللەت تەركىبىگە قاراپ ئىككى بىسلىق ئۆلچەم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت