خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلار 731 مىليونغا يەتكەن، ئەمما دائىرىلەرنىڭ تور كونتروللۇقىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلارنىڭ سانى 731 مىليونغا يەتكەنلىكى مەلۇم.

«جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى» 22-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان 39- قېتىملىق «جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ ستاتىستىكا دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى 53 پىسەنتكە يېتىپ، دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 3.1 پىرسەنت، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 7.6 پىرسەنت ئاشقان.

مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلىدا خىتايدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تور قوللانغۇچىلار 42 مىليون 990 مىڭ ئادەم بولۇپ، كۆپىيىش نىسبىتى ياۋروپا ئەللىرىدىكى تور قوللانغۇچىلارنىڭ ئۆتكەن يىللىق ئومۇمىي سانى بىلەن تەڭلەشكەن.

دوكلاتتا يەنە خىتايدىكى 731 مىليون تور قوللانغۇچى ئىچىدە يانفون تورىنى ئىشلەتكۈچىلەر كۆلىمىنىڭ 695 مىليونغا يەتكەنلىكى، بۇ ساننىڭ خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى، مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدا ئۈستەل كومپيوتېرى بىلەن خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئىشلىتىلىش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكى، شەخسى تورغا چىقىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىدىمۇ تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلار سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور كونتروللۇقىمۇ ھەسسىلەپ كۈچەيمەكتىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا تاكى 2018-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغان «14 ئايلىق تور تازىلاش» ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت