شى جىنپىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەركىزى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ قامال قىلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ ھوقۇقنىمۇ قولدىن بەرمەسلىكى دىققەت قوزغىدى.

شى جىنپىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ ئاساسىي ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىدۇر، دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىتايدىكى بارلىق ساھەلەرنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە پىلانلاشقا ۋە شۇنداقلا دۆلەت ئىستراتېگىيىسى ۋە تەرەققىيات پىلانلىرىنى بېكىتىش ۋە مۇشۇ ساھەدىكى ئاساسلىق قانۇن-تۈزۈملەرنى بېكىتىشكە مەسئۇل ئىكەن.

ۋال سترىت ژۇرنىلى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كومپارتىيىنىڭ سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق، دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت