ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شې ياڭنىڭ ۋەزىيىتىنى سۈرۈشتە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-01-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شې ياڭنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىسى ھانس شۋايسگات مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شې ياڭ تۇتقۇن قىلىنغان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ساقچىلارنىڭ جىسمانىي ھەم پسىخىكىلىق قېيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شى ياڭ ھەم باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ داۋاسىنى كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شې ياڭ 2015-يىلى يازدا خىتاي دائىرىلىرى 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنى تۇتقۇن قىلغاندا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، دائىرىلەر ئۆتكەن دېكابىردا ئۇنىڭغا «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» ۋە «سوت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش» دېگەن جىنايەتلەرنى بېكىتكەن. شى ياڭ ئادۋوكاتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قاماقتا ساقچىلارنىڭ قېيىن-قىستىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھانس شۋايسگات مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق نەزەردىن ساقىت قىلىنسا بۇنى تىلغا ئېلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، ھەرقانداق كىشى قوپال مۇئامىلە ۋە ئىسكەنجىگە ئېلىنماسلىقى كېرەك. بۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت