خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينىڭ «روھىي ساغلاملىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى «خەلق تۇرمۇشى ۋە كۆزىتىش»ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 26‏-يانۋار تورىدا «خىتاينىڭ روھىي ساغلاملىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق» يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، 2016‏-يىلى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ئەھۋالى داۋاملىق ناچارلاشقان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «روھىي كېسەل» دەيدىغان ئاتاقنى ئەرزدار ۋە ئۆكتىچىلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىلىرىنى ئۆكتىچىلەرنى كونترول قىلىدىغان بىر سورۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق بۇنى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلدى» دېگەن ئاتاققا قالماسلىق ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن.

دوكلاتتا يەنە، مۇستەبىتلىك ۋە قانۇنغا سەل قاراش خىتايدا روھىي كېسەللىكنىڭ داۋاملىق يامراپ كېتىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب، دېيىلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتايدىكى بارلىق روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلىغا تايانغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا خىتاي مۇقىملىق ئورگانلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قېلىش ئاقىۋىتىگە ئۇچرايدىكەن.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، بۇ «روھىي كېسەللىك ئەھۋالى»غا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىشنىڭ يولى- مۇستەبىتلىكنى ئاساسىي قانۇنلۇق دېموكراتىيە تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا ئىجتىمائىي ئادالەت ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىش، دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت