كىرىس سىمىت: «ئامېرىكا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-04-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىس سىمىت بۈگۈن «ئامېرىكا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك»، دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كىرىس سىمىت ئەپەندى سەيشەنبە كۈنى «2017-يىلى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنتايىن قاراڭغۇ بىر يىل بولدى،» دېگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ ئۆلۈمىدىن تارتىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۇچراۋاتقان زومىگەرلىككىچە شۇنداقلا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغىچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا بولغان بېسىمى ھەر جەھەتتىن ھەسسىلەپ كۈچەيدى. خىتايدىكى تېنچۇسۇل بىلەن ئۆزىنى ئىپادە قىلىش ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە دىنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى كۈنسايىن ئاجىزلاپ ماڭدى. ئۆز ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا بىزگە ئوخشاش ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلار چوقۇم ھەربىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتايدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلار ئۈچۈن ئاۋازىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك.»

كىرىس سىمىت ئەپەندى يەنە مۇنداق دېگەن: «دۇنيانىڭ كۆزى بىزدە. ئۇلار، ئامېرىكا ھەقسىزلىققا ئۇچراۋاتقان، تۈرمىلەرگە سولانغان، تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ۋە قېيىن-قىستاقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلار ئۈچۈن زادى گەپ قىلامدۇ-يوق، دەپ بىزنى كۆزەتمەكتە. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلار مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز بۇ مەسىلىنى چوقۇم خىتاينىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.»

كىرىس سىمىت خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىر. ئۇ يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېرري براندستاندقا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت