ياۋروپا كومىتېتى خىتاينى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-11-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى‏-ياۋروپا كومىتېتى 16‏-نويابىر ئۆزىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، خىتاينى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئالغا سۈرۈشكە چاقىرغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى بۇ يىل 6‏-ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ يىل 9‏-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پىكرىگە سۇنۇلۇپ، ئاخىرقى نۇسخىسى 16‏-نويابىر رەسمىي ئېلان قىلىنغان.

دوكلاتتا، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر رايونىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە نەچچە يۈزلىگەن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخبارات ۋە چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ رايونغا كىرىپ، ئەھۋال ئىگىلىشىگە يول قويۇلمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى ئالغا سۈرۈشىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئالغا سۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك نىشانى خىتاينىڭ ب د ت «سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» نى تەستىقلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ «سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» غا 1998‏-يىلى قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ھازىرغا قەدەر تەستىقلانمىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ھەر قېتىمقى يىللىق ۋە پەسىللىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ھەق ‏- ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت